مۇختەسەر تەفسىر
وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُوا۟ حَرَّمْنَا كُلَّ ذِى ظُفُرٍ ۖ وَمِنَ ٱلْبَقَرِ وَٱلْغَنَمِ حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ شُحُومَهُمَآ إِلَّا مَا حَمَلَتْ ظُهُورُهُمَآ أَوِ ٱلْحَوَايَآ أَوْ مَا ٱخْتَلَطَ بِعَظْمٍ ۚ ذَٰلِكَ جَزَيْنَـٰهُم بِبَغْيِهِمْ ۖ وَإِنَّا لَصَـٰدِقُونَ ﴿١٤٦﴾
بىز يەھۇدىيلارغا تۆگە ۋە تۆگە قۇشىغا ئوخشاش توم تۇياقلىق ھايۋانلارنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا يەنە كالا، قويلارنىڭ دۈمبە ياغلىرى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى چاۋا ياغلىرى ۋە ياكى قۇيرۇق ۋە قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان ياغلىرىدىن باشقىسىنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىشى ئارقىلىق قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىدۇق. بىز ھەقىقەتەن دېگەن سۆزىمىزدە راستچىللارمىز.