مۇختەسەر تەفسىر
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُونُوا۟ قَوَّٰمِينَ لِلَّهِ شُهَدَآءَ بِٱلْقِسْطِ ۖ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَـَٔانُ قَوْمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعْدِلُوا۟ ۚ ٱعْدِلُوا۟ هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ ﴿٨﴾
ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان مۆئمىنلەر! ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئۈستۈڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تۇرغۇزغۇچىلاردىن بولۇڭلار، زۇلۇم بىلەن ئەمەس بەلكى ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بولۇڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىك سىلەرنى ئادىللىقنى تەرك قىلىشقا تۈرتكە بولمىسۇن، دوستقا ۋە دۈشمەنگىمۇ ئادىللىق قېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قېلىڭلار، ئادىللىق قېلىش ئاللاھدىن قورقۇشقا ئەڭ يېقىندۇر، زۇلۇم قىلىش ئاللاھقا قارشى چېقىشقا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا .ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ