×

المائدة

ئايەت 2

مۇختەسەر تەفسىر

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُحِلُّوا۟ شَعَـٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهْرَ ٱلْحَرَامَ وَلَا ٱلْهَدْىَ وَلَا ٱلْقَلَـٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلْبَيْتَ ٱلْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّن رَّبِّهِمْ وَرِضْوَٰنًا ۚ وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَٱصْطَادُوا۟ ۚ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَـَٔانُ قَوْمٍ أَن صَدُّوكُمْ عَنِ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ أَن تَعْتَدُوا۟ ۘ وَتَعَاوَنُوا۟ عَلَى ٱلْبِرِّ وَٱلتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا۟ عَلَى ٱلْإِثْمِ وَٱلْعُدْوَٰنِ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ ﴿٢﴾

ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېھرامدىكى ۋاقتىڭلاردا ئاللاھ چەكلىگەن ۋە سىلەرنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىڭلار، ئېھراملىق ھالەتتە: يېڭنىدە تېكىلگەن كىيىملەرگە ئوخشاش چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول يىغىڭلار، ئوۋ ئوۋلاشقا ئوخشاش ھەرەم دائىرىسىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال دەپ قارىماڭلار، ئۇ ئايلار: زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەبتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەرەمدە ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغان چارۋىلارنى بۇلاش ۋە ئۆلتۈرۈشنى ھالال دەپ قارىماڭلار، ھەرەمنىڭ ھەدىيەسى دەپ يۇڭ ياكى قىلادە ئېسىپ بەلگە قىلىنغان چارۋىلارنى ھالال سانىماڭلار، ئاللاھنىڭ بەيتىنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. سىلەر ھەج-ئۆمرە پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، ھەرەم دائىرىسىدىن چىققاندىن كېيىن خالىساڭلار ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىك ئۇلارنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسچىتىدىن توسقانلىقىنى سىلەرنى ئۇلار توغرىسىدا زۇلۇم قىلىشقا ۋە ئادىللىق قىلماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشنى تەرك قىلىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىڭلار. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىقتىن يېراق بولۇش بىلەن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن گۇناھكارلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھ بولۇڭلار.