×

المائدة

ئايەت 19

مۇختەسەر تەفسىر

يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ قَدْ جَآءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَىٰ فَتْرَةٍ مِّنَ ٱلرُّسُلِ أَن تَقُولُوا۟ مَا جَآءَنَا مِنۢ بَشِيرٍ وَلَا نَذِيرٍ ۖ فَقَدْ جَآءَكُم بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ ﴿١٩﴾

ئى يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار! ئارىلىقتا پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ، پەيغەمبەر ئەۋەتىشكە قاتتىق ھاجەت بولغاندا، سىلەرنىڭ: بىزگە ئاللاھنىڭ ساۋابى بىلەن خوشخەۋەر بېرىدىغان، ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىدى دەپ ئۈزۈر ئېيتماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن خۇشخەۋەر بېرىدۇ ۋە ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھېچ نەرسە ئۇنى ئازجىزلاشتۇرالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى ۋە ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاخىرلاشتۇرىشىمۇ ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنى ئىپادىلەيدۇ.