×

المائدة

ئايەت 12

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَقَدْ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَـٰقَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ ٱثْنَىْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ ٱللَّهُ إِنِّى مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَيْتُمُ ٱلزَّكَوٰةَ وَءَامَنتُم بِرُسُلِى وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ ٱللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَّأُكَفِّرَنَّ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ فَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ ﴿١٢﴾

ھەقىقەتەن ئاللاھ بەنى ئىسرائىلدىن چىن ئەھدى ئالدى(بۇنىڭ تەپسىلاتى يېقىندا زىكىر قېلىنىدۇ). ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئون ئىككى باشلىق تۇرغۇزدى، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى نازارەت قىلىدۇ. ئاللاھ بەنى ئىسرالىغا: ئەگەر سىلەر نامازنى تەلەپ قىلغان بويىچە تولۇق ئادا قىلساڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بەرسەڭلەر، مېنىڭ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلىرىمنىڭ ھېچ بىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشەنسەڭلار، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلساڭلار ۋە ياردەم بەرسەڭلار، ياخشىلىق يوللىرىغا مال سەرپ قىلساڭلار، سىلەرنى كۈچلاندۇرۇش ۋە ياردەم بېرىشتە مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولىمەن. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلساڭلار، سىلەرنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىمەن، قىيامەت كۈنى قەسىرلەرنىڭ ئاستىدىن ئېرىقلاردا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. مۇشۇ ئەھدە ئېلىنغاندىن كېيىن كىمكى ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن كاپىر بولىدىكەن، ھەق يولنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ.