×

المائدة

ئايەت 113

مۇختەسەر تەفسىر

قَالُوا۟ نُرِيدُ أَن نَّأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَن قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ ٱلشَّـٰهِدِينَ ﴿١١٣﴾

ھەۋارىيلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز بۇ داستىخاننىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىدىن يېيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىگە ۋە سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە كۆڭلىمىزنىڭ تەسكىن تېپىشىنى، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەنلىرىڭدە راستچىل ئىكەنلىكىڭنى ھەقىقىي بىلىپ، كىشىلەردىن ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بۇ مۆجىزىگە شاھىت بولۇشنى خالايمىز، دېدى.