مۇختەسەر تەفسىر
ثُمَّ تَوَلَّيْتُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۖ فَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ لَكُنتُم مِّنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ ﴿٦٤﴾
سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن كۆپچىلىكىڭلار ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاسىيلىق قىلىپ ۋەدىگە ۋاپا قىلمىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە؛ خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش ۋە تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان پەزلى-مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەر ئاسىيلىق ۋە يۈز ئۆرىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار