مۇختەسەر تەفسىر
ٱلطَّلَـٰقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌۢ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌۢ بِإِحْسَـٰنٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُوا۟ مِمَّآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ شَيْـًٔا إِلَّآ أَن يَخَافَآ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا ٱفْتَدَتْ بِهِۦ ۗ تِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ ﴿٢٢٩﴾
ئەر قايتا يارىشالايدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. يەنى ئايالىنى تالاق قىلىدۇ ئاندىن كېيىن يېنىۋالىدۇ ئاندىن كىيىن يەنە تالاق قىلىدۇ ئاندىن كېيىن يەنە يېنىۋالىدۇ. ئىككى قېتىم تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايالىنى چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇپ قالىدۇ ياكى ئايالىنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا چىرايلىقچە ئۈچىنجى قېتىم تالاق قىلىدۇ. ئى ئەرلەر! ئايال ئېرىنى ئۇنىڭ ئەخلاقى ياكى چىرايى سەۋەبلىك ياقتۇرمىغان بولسا، بۇ سەۋەبتىن ئەر-ئايال ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ھەقلەرگە رىئايە قىلالماسلىقىغا جەزم قىلغان بولسا، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا بەرگەن مېھرى ھەققىدىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۋېلىشىڭلار دۇرۇس ئەمەس.( ئەر-ئايال بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە) ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ياكى باشقا يېقىنلىرىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. ئەگەر ۋەلىلەر ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق ھەق-ھۇقۇقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلسا، ئايالنىڭ ئېرىگە تالىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەر-ئايالغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان شەرئى ئەھكاملاردۇر. سىلەر بۇ ھۆكۈملەرگە خىلاپلىق قىلماڭلار. كىمكى ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەنە شۇلار نەپسىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىپ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا تەڭلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر