×

البقرة

ئايەت 184

مۇختەسەر تەفسىر

أَيَّامًا مَّعْدُودَٰتٍ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُۥ ۚ وَأَن تَصُومُوا۟ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ﴿١٨٤﴾

سىلەرگە پەرز قىلىنغان روزا يىلنىڭ ساناقلىق كۈنلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇش ئېغىر كىلىدىغان دەرىجىدە كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالسا روزا تۇتماي كىيىنچە تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلى) ئاران روزا تۇتالايدىغان كىشىلەر توتمىغان بولسا ھەر كۈنلىكىگە بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. ئەگەر روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلسەڭلار، روزا تۇتقىنىڭلار ئېغىزىڭلارنى ئىچىۋىتىپ فىديە بەرگىنىڭلاردىن ياخشىدۇر. بۇ ئاللاھ روزا تۇتۇشنى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھۆكۈم بولۇپ، خالىغان كىشى روزا تۇتاتتى، خالىغان كىشى تۇتماي فىديە بېرەتتى. كېيىنچە ئاللاھ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى. روزا، ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن، تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىگە پەرزدۇر.