مۇختەسەر تەفسىر
وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَٱسْتَبِقُوا۟ ٱلْخَيْرَٰتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا۟ يَأْتِ بِكُمُ ٱللَّهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ ﴿١٤٨﴾
ھەر بىر ئۈممەتنىڭ ھېسسى بولسۇن ياكى مەنىۋى بولسۇن يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى(يەنى قىبلىسى) بار. قىبلە مەسىلىسى ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەردە ئۈممەتلەرنىڭ ئىختىلاپلىشىشى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە شەرىئىتى بويىچە بولسا ھېچ زەرەرى يوق. ئى مۆئمىنلەر! قىلىشقا بۇيرۇلغان ياخشىلىقلارنى قىلىشتا ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىڭلار. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئەمىلىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن قەيەردە بولماڭلار سىلەرنى جەملەيدۇ. ئاللاھ شۈبھىسىزكى ھەر شەيئىگە قادىردۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرنى جەملەپ جازا-مۇكاپات بېرىشدىن ھېچنەرسە ئۇنى توساپ قالالمايدۇ.