×

البقرة

ئايەت 143

مۇختەسەر تەفسىر

وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَـٰكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُوا۟ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَيَكُونَ ٱلرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا ٱلْقِبْلَةَ ٱلَّتِى كُنتَ عَلَيْهَآ إِلَّا لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ ٱلرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِن كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَـٰنَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ ﴿١٤٣﴾

قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىشىڭلار ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىشى ئۈچۈن سىلەرگە ئۆزىمىز رازى بولغان قىبلىنى بەلگىلىگىنىمىزدەك، بىز ئەقىدە، ئىبادەت ۋە مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە پۈتۈن ئۈممەتلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ھەق يولدىكى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلە بەيتۇلمۇقەددەسنى ئۆزگەرتىشىمىز پەقەت ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە رازى بولۇپ ۋە بۇيسۇنۇپ پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ئادەم بىلەن دىنىدىن يېنىپ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنمىغان ئادەمنى ئايرىشىمىز ئۈچۈندۇر. تۇنجى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغان، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن نېمە ھۆكۈمنى يولغا قويسا مەلۇم ھىكمەت سەۋەبىدىن يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەردىن باشقىلارغا ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. قىبلە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان نامىزىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرگە مېھرىبان ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارغا مۇشەققەت سالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.