×

البقرة

ئايەت 100

مۇختەسەر تەفسىر

أَوَكُلَّمَا عَـٰهَدُوا۟ عَهْدًا نَّبَذَهُۥ فَرِيقٌ مِّنْهُم ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ ﴿١٠٠﴾

يەھۇدىلارنىڭ ناچارلىقىدىن، ھەرقاچان ئۇلاردىن مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە تەۋراتتا بايان قىلىنغان سۈپەت بويىچە ئىمان ئېيتىڭلار دەپ ئەھدە ئىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئەھدىنى بۇزىدۇ، بەلكى يەھۇدىلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقىقەتتە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىمان ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.