×

الإسراء

ئايەت 99

مۇختەسەر تەفسىر

أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ وَجَعَلَ لَهُمْ أَجَلًا لَّا رَيْبَ فِيهِ فَأَبَى ٱلظَّـٰلِمُونَ إِلَّا كُفُورًا ﴿٩٩﴾

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئىنتايىن كاتتا بولغان ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ چۈنكى كاتتا نەرسىنى يارىتالىغان زات ئۇنىڭدىن كىچىك ۋە تۆۋەننى ئەلۋەتتە يارىتالايدۇ - دە! ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان مۇئەييەن ۋاقىتنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈنمۇ شەكسىز بىر سۈرۈك بەلگىلىدى. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ مۇشرىكلار يەنىلا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇردى.