مۇختەسەر تەفسىر
وَمِنَ ٱلَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِۦ نَافِلَةً لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَّحْمُودًا ﴿٧٩﴾
ئەي پەيغەمبەر! مەرتىۋەڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى كىشىلەرگە قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىدىن شاپائەتچى قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدىغان بۈيۈك شاپائەت ماقامىنىڭ ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا تۇرۇپ، نەپلە نامازلارنى ئوقۇغىن.