مۇختەسەر تەفسىر
سُنَّةَ مَن قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِن رُّسُلِنَا ۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلًا ﴿٧٧﴾
ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىمۇ تۇتقان ئومۇمىي قانۇنىيتىدۇر. يەنى قانداق بىر پەيغەمبەرنى قەۋمى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب نازىل قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ قانۇنىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش بايقىيالمايسەن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس، ئومۇمىي پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسەن.