مۇختەسەر تەفسىر
وَٱسْتَفْزِزْ مَنِ ٱسْتَطَعْتَ مِنْهُم بِصَوْتِكَ وَأَجْلِبْ عَلَيْهِم بِخَيْلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكْهُمْ فِى ٱلْأَمْوَٰلِ وَٱلْأَوْلَـٰدِ وَعِدْهُمْ ۚ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ إِلَّا غُرُورًا ﴿٦٤﴾
سەن ئاسىيلىققا چاقىرىدىغان ئاۋازىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتىشقا كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ئادەملەرنى قوزغاتقىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنلىرىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ بارچە ئىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ ماللىرىغا شېرىك بولغىن، يالغان - ياۋىداقلىرىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىناغا چىللاش بىلەن ھەمدە ئۇلارنى بىسمىللاھ دەيدىغان چاغدا ئاللاھنىڭ باشقىسىغا چوقۇندۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ شېرىك بولغىن، ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى ۋە قۇرۇق خىياللارنى چىرايلىق كۆرسەتكىن. شەيتان ئۇلارغا پەقەت ئۇلارنى ئالدايدىغان ساختا ۋەدىلەرنىلا بېرىدۇ.