×

الإسراء

ئايەت 61

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ قَالَ ءَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا ﴿٦١﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە ئادەمگە ئىبادەت سەجدىسى ئەمەس، ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار، دېدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئادەمگە سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس تەكەببۇرلۇق بىلەن ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ: مېنى ئوتتىن ياراتقان تۇرساڭ، سەن لايدىن ياراتقان بىرىگە سەجدە قىلىمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، دېدى.