مۇختەسەر تەفسىر
لَّهُمْ عَذَابٌ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَشَقُّ ۖ وَمَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ ﴿٣٤﴾
ئۇلار مۇشۇ دۇنيادىلا مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش ئارقىلىق ئازابلىنىدۇ. ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرەتنىڭ ئازابى ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق ھەم دۇنيا ئازابىدىن تولىمۇ ئېغىردۇر. چۈنكى ئۇ ئازاب ئۈزلۈكسىز ھەم قاتتىق بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىيالايدىغان ھىمايىچى بولمايدۇ.