×

يوسف

ئايەت 110

مۇختەسەر تەفسىر

حَتَّىٰٓ إِذَا ٱسْتَيْـَٔسَ ٱلرُّسُلُ وَظَنُّوٓا۟ أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا۟ جَآءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّىَ مَن نَّشَآءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ ٱلْقَوْمِ ٱلْمُجْرِمِينَ ﴿١١٠﴾

بۇ پەيغەمبەرلەرنى بىز ئەۋەتكەن ئىكەنمىز، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگىمۇ مۆھلەت بېرىمىز، ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۈچۈن جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيمىز. نىھايەت ئۇلارنىڭ ھالاكىتى كېچىكىپ، پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە كاپىرلارمۇ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئىنكارچىلارغا ئازاب كېلىپ، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى يالغانكەن دەپ ئويلاپ تۇرغان چاغدا بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگە بېرىدىغان ياردىمىمىز كېلىدۇ ھەمدە بىز پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلارنى ئىنكارچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرىمىز. بىز ئازابىمىزنى چۈشۈرگەن چاغدا گۇناھكار قەۋملەردىن قايتۇرۇلمايدۇ.