>

مۇھەممەد سالىھ — 7

2:38 (ئۇلارغا) «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق(38).

2:39 كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ(39).

2:40 ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار(40).

2:41 مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار(41).

2:42 ھەقنى باتىلغا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزەڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە) ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار(42).

2:43 نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار(43).

2:44 كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟(44).

2:45 سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر(45).

2:46 ئاللاھتىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ(46).

2:47 ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار(47).

2:48 كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار(48).