مۇھەممەد سالىھ — 601
103:1 زامان بىلەن قەسەمكى(1)،
103:2 ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر(2 ـ 3).
103:3 ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر(2 ـ 3).
104:1 (كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!(1).
104:2 ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى(2).
104:3 ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)(3).
104:4 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ(4).
104:5 ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(5)
104:6 ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ(6ـ7).
104:7 ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ(6ـ7).
104:8 ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ(8).
104:9 ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ(9).
105:1 پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(1)
105:2 ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟(2)
105:3 ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى(3).
105:4 قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ(4)،
105:5 ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى(5).