>

مۇھەممەد سالىھ — 516

49:5 سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(5).

49:6 ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار(6).

49:7 بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(7ـ8).

49:8 بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(7ـ8).

49:9 ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ(9).

49:10 مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار(10).

49:11 ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر(11).