>

مۇھەممەد سالىھ — 491

43:23 شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى(23).

43:24 (ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا ـ بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى(24).

43:25 بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن(25).

43:26 ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستلا ئادا ـ جۇدامەن(26).

43:27 پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ»(27).

43:28 ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى(28).

43:29 بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نېمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە(29).

43:30 ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى(30).

43:31 ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى(31).

43:32 پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل ـ ماللىرى) دىن ياخشىدۇر(32).

43:33 ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق(33).