>

مۇھەممەد سالىھ — 484

42:11 ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(11).

42:12 ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(12).

42:13 ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ(13).

42:14 (يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر(14).

42:15 شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»(15).