مۇھەممەد سالىھ — 450
37:103 ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى(103).
37:104 بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(104ـ105).
37:105 بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(104ـ105).
37:106 بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر(106).
37:107 بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق(107).
37:108 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق(108).
37:109 ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!(109)
37:110 بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(110).
37:111 ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر(111).
37:112 ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق(112).
37:113 ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ(113).
37:114 بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق(114).
37:115 ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق(115).
37:116 بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى(116).
37:117 ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق(117).
37:118 ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق(118).
37:119 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق(119).
37:120 مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!(120)
37:121 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(121).
37:122 ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر(122)
37:123 ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر(123).
37:124 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(124)
37:125 سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟(125)
37:126 ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»(126).