مۇھەممەد سالىھ — 441
36:13 ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى(13).
36:14 ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى(14).
36:15 ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى(15).
36:16 ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز(16).
36:17 بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى(17).
36:18 ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى(18).
36:19 ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى(19).
36:20 شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار(20).
36:21 توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار(21).
36:22 مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟(22)
36:23 مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ(23).
36:24 ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن(24).
36:25 مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)»(25).
36:26 (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى(26 ـ 27).
36:27 (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى(26 ـ 27).