مۇھەممەد سالىھ — 358
24:59 كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلار ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار كىرىشتە) ئىجازەت سورىغاندەك، (ئۆيگە كىرىشتە ھەممە ۋاقىت) ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (دىننىڭ ئىشلىرىنى) سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(59).
24:60 ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا (رىدا، نىمچىغا ئوخشاش) تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە (ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن يۈرسە)، ھېچ گۇناھ يوقتۇر، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشتىن ساقلانسا ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(60).
24:61 (جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، ياكى دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن، دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ(61).