مۇھەممەد سالىھ — 356
24:44 ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار(44).
24:45 ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر(45).
24:46 شۈبھىسىزكى، بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ(46).
24:47 (مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۆمىن ئەمەس(47).
24:48 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ(48).
24:49 ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ(49).
24:50 ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر(50).
24:51 (پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر(51).
24:52 ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر(52).
24:53 (مۇناپىقلار) ئەگەر سەن ئۇلارنى (جىھادقا) چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى، «قەسەم قىلماڭلار، (قەسىمىڭلار يالغان، سىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى) ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر»(53).