>

مۇھەممەد سالىھ — 324

21:25 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق(25).

21:26 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، (پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر(26).

21:27 ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ(27).

21:28 ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ(28).

21:29 ئۇلاردىن كىمكى، مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز(29).

21:30 كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟(30)

21:31 تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق(31).

21:32 ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر(32).

21:33 ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ(33).

21:34 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇشقا ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ)(34).

21:35 ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)(35).