مۇھەممەد سالىھ — 230
11:72 ئۇ (يەنى سارە): «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى(72).
11:73 ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن (يەنى قۇدرىتىدىن) ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە) نازىل بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى(73).
11:74 ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇشخەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە كىرىشتى(74).
11:75 ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى(يەنى دىلى يۇمشاق)، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر(75).
11:76 (پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنى (يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى) قويغىن، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم (مۇنازىرىلىشىش ياكى شاپائەت قىلىش بىلەن) قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ»(76).
11:77 بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى(77).
11:78 لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»(78).
11:79 ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن»(79).
11:80 لۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم)»(80).
11:81 ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن. ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى(81).