مۇھەممەد سالىھ — 216
10:62 راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ(62).
10:63 ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر(63).
10:64 ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر(64).
10:65 (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(65).
10:66 راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ئاللاھتىن باشقىغا بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ(66).
10:67 ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار(67).
10:68 ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، ئاللاھ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟(68).
10:69 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ»(69).
10:70 ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز(70).