>

مۇھەممەد سالىھ — 186

8:70 ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر(70).

8:71 (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشۇ ئەسىرلەر ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇلار (كۇفرى بىلەن، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن) ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى، ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ (بولغۇسى ھەممە ئىشنى) بىلگۈچى، ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىش قىلغۇچىدۇر(71).

8:72 ئىمان ئېيتقانلار، (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر ـ بىرىگە ياردەمچىدۇر ۋە دوستتۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(72).

8:73 كاپىرلار بىر ـ بىرىنىڭ قاياشىدۇر ، ئەگەر بۇ (يۇقىرىدىكى) ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ(73).

8:74 ئىمان ئېيتقانلار، (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ(74).

8:75 كېيىن ئىمان ئېيتىپ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلار سىلەردىن سانىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار بىر ـ بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(75).