مۇھەممەد سالىھ — 167
7:138 ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى(138).
7:139 شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر(139).
7:140 مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى(140).
7:141 ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى(141).
7:142 مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى(142).
7:143 مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى(143).