>

مۇھەممەد سالىھ — 165

7:121 ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق(121).

7:122 مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)»(122).

7:123 پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر(123).

7:124 سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»(124).

7:125 دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز(125).

7:126 سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»(126).

7:127 پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى(127).

7:128 مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى(128).

7:129 ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى(129).

7:130 ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق(130).