>

مۇھەممەد سالىھ — 80

4:15 ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى (ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە (يەنى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ ئايالنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىسا)، تاكى ئاياللىرىڭلار ۋاپات بولغانغا ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇڭلار(15).

4:16 ئاراڭلاردا ئىككى كىشى پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر(16).

4:17 ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(17).

4:18 داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق(18).

4:19 ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن(19).