>

مۇھەممەد سالىھ — 67

3:133 پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار(133).

3:134 تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ(134).

3:135 تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ(135).

3:136 ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!(136).

3:137 سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار(137).

3:138 بۇ (قۇرئان) (پۈتكۈل) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر(138).

3:139 (جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر(139).

3:140 ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ(140).