>

مۇھەممەد سالىھ — 593

88:23 لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن(23)،

88:24 ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ(24).

88:25 ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ(25).

88:26 ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز(26).

89:1 سۈبھى بىلەن، (1)

89:2 (2)(زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن،

89:3 قۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن، (3)

89:4 (كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز) (4)

89:5 ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك)قەسەم بارمۇ؟. (5)

89:6 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(6ـ7).

89:7 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(6ـ7).

89:8 بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى(8).

89:9 شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى(9).

89:10 شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى(10).

89:11 ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى(11).

89:12 ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى(12).

89:13 پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى(13).

89:14 پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر(14).

89:15 پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ(15).

89:16 پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ(16).

89:17 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر(17).

89:18 بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر(18).

89:19 مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر(19).

89:20 مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر(20).

89:21 (ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا(21).

89:22 پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا(22).