مۇھەممەد سالىھ — 592
87:11 ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ(11).
87:12 ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ(12).
87:13 ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ(13).
87:14 (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى(14).
87:15 ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى(15).
87:16 سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر(16).
87:17 ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر(17).
87:18 بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر(18ـ19).
87:19 بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر(18ـ19).
88:1 (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى(1).
88:2 بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر(2).
88:3 ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر(3).
88:4 ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ(4).
88:5 (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ(5).
88:6 ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ(6).
88:7 زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ(7).
88:8 بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر(8).
88:9 بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر(9).
88:10 ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر(10).
88:11 ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ(11).
88:12 ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ(12).
88:13 ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88:14 ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88:15 ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88:16 ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88:17 ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى(17)،
88:18 ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى(18)،
88:19 تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى(19)،
88:20 زېمىن قانداق يېيىتىلدى(20).
88:21 سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن(21).
88:22 سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن(22).