مۇھەممەد سالىھ — 586
80:41 يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ(40ـ41)،
80:42 بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر(42).
81:1 كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا(1)،
81:2 يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،
81:3 تاغلار گۇمران بولغان چاغدا(3)،
81:4 بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا(4)،
81:5 ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا(5)،
81:6 دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا(6)،
81:7 جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا(7)،
81:8 تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،
81:9 تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،
81:10 نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا(10)،
81:11 ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا(11)،
81:12 دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا(12)،
81:13 جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا(13)،
81:14 ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ(14).
81:15 كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،
81:16 كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،
81:17 قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن(17)،
81:18 يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن(18).
81:19 قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر(19).
81:20 ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر(20).
81:21 پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر(21).
81:22 سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر(22).
81:23 ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى(23).
81:24 ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر(24).
81:25 ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر(25).
81:26 قەيەرگە بارىسىلەر؟(26)
81:27 ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر(27).
81:28 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر(28).
81:29 پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) (29).