مۇھەممەد سالىھ — 580
76:26 كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت(26).
76:27 شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ(27).
76:28 بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق(28).
76:29 شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن(29).
76:30 پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(30).
76:31 ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى(31).
77:1 ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى(1)،
77:2 قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى(2)،
77:3 (بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى(3)،
77:4 (ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(4)،
77:5 (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(5ـ6)،
77:6 (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(5ـ6)،
77:7 سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر(7).
77:8 يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا(8).
77:9 ئاسمان يېرىلغان چاغدا(9)،
77:10 تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا(10)،
77:11 پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)(11).
77:12 (پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟(12)
77:13 خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)(13).
77:14 ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟(14)
77:15 بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(15)
77:16 (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟(16)
77:17 ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق(17).
77:18 گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)(18).
77:19 بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(19)