>

مۇھەممەد سالىھ — 578

75:20 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر(20).

75:21 ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر(21).

75:22 بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ(22).

75:23 (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ(23).

75:24 بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ(24).

75:25 ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ(25).

75:26 راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ(26ـ27).

75:27 راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ(26ـ27).

75:28 (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ(28).

75:29 (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ(29).

75:30 بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر(30).

75:31 (كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى(31).

75:32 لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى(32).

75:33 ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى(33).

75:34 ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!(34)

75:35 يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!(35)

75:36 ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟(36)

75:37 ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟(37)

75:38 ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى(38).

75:39 ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى(39)

75:40 (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟(40)

76:1 ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى(1).

76:2 شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق(2).

76:3 شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر(3).

76:4 شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق(4).

76:5 ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ(5).