>

مۇھەممەد سالىھ — 572

72:1 (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى. ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق(1).

72:2 ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز(2).

72:3 پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر(3).

72:4 بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى(4).

72:5 بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق(5).

72:6 ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سىغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى(6).

72:7 ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى»(7).

72:8 (جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق(8).

72:9 بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ(9).

72:10 بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز(10).

72:11 بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق(11).

72:12 بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھنى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز(12).

72:13 بىز ھىدايەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، (ياخشىلىقلىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ۋە (يامانلىقلىرىنىڭ ئارتتۇرۇلۇپ) زۇلۇم قىلىنىشتىن قورقمايدۇ(13).