>

مۇھەممەد سالىھ — 562

67:1 (پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(1).

67:2 سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر(2).

67:3 ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟(3)

67:4 ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ(4).

67:5 (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق(5).

67:6 پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!(6)

67:7 ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ(7).

67:8 دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ(8).

67:9 ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھىيدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا- دېدۇق» دەيدۇ(9).

67:10 ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ(10).

67:11 ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!(11)

67:12 پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ(12).