مۇھەممەد سالىھ — 529
54:7 ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ(7).
54:8 ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ(8).
54:9 ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى(9).
54:10 ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى(10).
54:11 ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق(11).
54:12 زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى(12).
54:13 نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق(13).
54:14 كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)(14).
54:15 ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(15)
54:16 مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!(16)
54:17 ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(17)
54:18 ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!(18)
54:19 شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، (19)
54:20 بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى(ـ20).
54:21 مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!(21)
54:22 بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(22)
54:23 سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى(23).
54:24 ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز(24).
54:25 ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»(25).
54:26 ئۇلار ئەتە (يەنى ئاخىرەتتە) كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ(26).
54:27 بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن(27).