مۇھەممەد سالىھ — 429
34:8 ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇدىمۇ؟ يا ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر(8).
34:9 ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار(9).
34:10 بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك، زەبۇر، تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى، تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى، ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق(10).
34:11 (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە) تەكشى قىلغىن، (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»(11).
34:12 سۇلايمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز(12).
34:13 ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز(13).
34:14 سۇلايماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلايماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇت خەۋەردار قىلدى. سۇلايمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى(14).