>

مۇھەممەد سالىھ — 426

33:55 ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۆمىن ئاياللار بىلەن، قۇل، چۆرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر(55).

33:56 ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر)(56).

33:57 ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ(57).

33:58 مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ(58).

33:59 ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(59).

33:60 ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ(60ـ61).

33:61 ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ(60ـ61).

33:62 بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن(62).