مۇھەممەد سالىھ — 364
25:44 ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر(44).
25:45 پەرۋەردىگارىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق (يەنى كۈننىڭ چىققانلىقىنى سايىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلدۇق)(45).
25:46 ئاندىن ئۇنى ئاستا – ئاستا يوقاتتۇق(46).
25:47 ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدى، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا) يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى(47).
25:48 ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق(48 ـ 49).
25:49 ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق(48 ـ 49).
25:50 ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق (يەنى گاھ ئۇ يەرگە، گاھ بۇ يەرگە ياغدۇردۇق)، ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھقا) كۇفرىلىق قىلىدۇ(50).
25:51 ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق(51).
25:52 شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن(52).
25:53 ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى(53).
25:54 ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر(54).
25:55 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن (شەيتانغا) ياردەم بەرگۈچىدۇر(55).