>

مۇھەممەد سالىھ — 30

2:191 ئۇلارنى (يەنى تاجاۋۇزچىلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن جايدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ(191).

2:192 ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(192).

2:193 تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ(193).

2:194 (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئاي (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئايلاردا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر تەڭ ـ باراۋەردۇر( يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، ئىنتىقام ئېلىش يۈزىسىدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق). بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار؛ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر(194).

2:195 ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ(195).

2:196 ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر(196).