>

مۇھەممەد سالىھ — 281

16:119 شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر(119).

16:120 ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى(120).

16:121 ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى(121).

16:122 ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ(122).

16:123 ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھىي قىلدۇق(123).

16:124 شەنبە كۈنى ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش بەلگىلەندى (يەنى شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كۈندە ئىشلىمەسلىك ئىبراھىمنىڭ شەرىئىتىدە يوق ئىدى. يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلىمىنى چىقاردۇق). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق ـ ناھەق ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ(124).

16:125 پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ(125).

16:126 ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر(126).

16:127 (ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن(127).

16:128 ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر(128).