مۇھەممەد سالىھ — 267
15:91 ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى)(91).
15:92 پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز(92ـ 93).
15:93 پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز(92ـ 93).
15:94 ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن(94).
15:95 سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز(95).
15:96 ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ(96).
15:97 (97): بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
15:98 پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن. (98)
15:99 سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن(99).
16:1 ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر(1).
16:2 ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە) پەرىشتىلەرنى ۋەھىي بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار»(2).
16:3 ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر(3).
16:4 ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇ بولسا (ئاللاھقا) ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىدۇر(4).
16:5 ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى) نى يەيسىلەر(5).
16:6 ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ (خۇشاللىق بېغىشلايدۇ)(6).